سىز ھەقىقەتنى بىلەمسىز؟

سىز ھەقىقەتنى بىلەمسىز؟(ئالتۇنجان)

بۈگۈن ئامېركا ئىسرائىلىيەدىكى كونسولىنى تېلئاۋېۋدىن ئىروسالىمغا يۆتكىدى. بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىلىيە ئىرانغا بولغان قارشى ھەربى ھەركەت قوللاندى. ئامېركا ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئىراننى قوللايدىغان دۆلەت چىقمىغاندا جوڭگو ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى ھەربى بازىسىغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىشى روسىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىمىدى. ئەمما روسىيە ئەگەر ئىسرائىلىيە ئىرانغا ئاتوم بومبىسى ئاتىدىغان بولسا ئۇنداقتا روسىيە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. جوڭگو ئىراننىڭ نېفىتىنى خەلىق پۇلىغا سېتىۋالىدىغانلىقىنى بۇنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتە نېفىت خەلىق پۇلىنىڭ ئومۇملىشىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەرىقتە شىمالى ۋە جەنۇبى كورىيە مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرىقتە ئىسرائىلىيە ۋە ئىران مەسىلىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. قارىماققا ئۆز ئارا قارشىلىشىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن بۇ ئۆز ئارا قارشى دۆلەتلەر ئىچكى جەھەتتىن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى قىسىقىسى يېڭى پۇل مۇئامىلە ئۆزگۈرۈشىنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 

ھازىرقى ۋەزىيەت ئۈچ تۆت يىل ئاۋالقى جىددى مەزگىللەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا تەرتىپىنىڭ ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئەمما ھازىر دۇنيادا ئومۇمىي بىر يۈزلىنىش بار بولۇپ ئۇ بولسىمۇ ئىسلامغا بولغان يىرگىنىش. بۇ ئەھۋال سەۋەبىدىن كەلگۈسىدە ئەگەر تۈركىيە مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ۋە تۈركى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە باش بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدىغان بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە ئىسرائىلىيە، كۇردلار بولىدۇ. چوڭ ئىسرائىل دۆلىتى تېرىتورىيەسىگە تۈركىيەنىڭ زېمىنى ھەم كىرگەچكە ئەپسۇسكى بۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەتتا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. بۇنىڭدەك نەتىجىسى ئېننىق بولۇپ بولغان ئۇرۇشتا روسىيە ۋە جوڭگونىڭ ئۇرۇشتا ئۇتتۇرىدىغان دۆلەتلەرنى قوللىشى ئەلۋەتتە كەلگۈسىدە روسىيە ۋە جوڭگونىڭ نۇرغۇن مەنپەئەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى دۆلەت خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئەگەر بىۋاستە مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىش بولمىسىلا ئوتتۇرا شەرىققە كۆزىتىش نۇقتىسىدىن قارىشى مۇمكىن. ئەمما ئەسكەرتىش كېرەككى، ھازىرقىدەك زىل پەيىتلەردە دۇنيا تىنىچلىقىدىن سۆز ئېچىش يەنە تەسلەشكىلى تۇردى.
گەرچە تىنىچلىق بەزى ئەھۋاللاردا ھەقىقەتكە تەڭ بولالمىسىمۇ ئەمما ئىنسانلار بۇ دۇنيادا ھەقىقەتتىن بەكىرەك تىنىچلىققا مۇھتاج بولسا كېرەك. 

قوشۇپ قويىدىغىنىم، بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ كۆپ يەرلىرىدە قوراللار ئاپتوماتلار سېتىلىدىغان، ئاتوم بومبىلىرى ۋە راكىتالىرى بىلەن قوراللانغان دۆلەتلەرنىڭ تىنىچلىقى ئاسان قولغا كەلمىگەن. ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ بىر ئىستاكان قەھۋەنى ئىچىۋاتقىنىڭىزدا سىزنىڭ شۇ تىنىچلىقىڭىز قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ ۋاقىت، پۇل، ئىسسىق قان ۋە جانلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن ئويلاپ باققانمۇ؟ ياۋروپا ۋە ئامېركىدا تۇرىۋېلىپ ئۆز نەپسىڭىز ۋە پايدىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ نامىدا داستان توقۇپ ئوتتۇرا شەرىقتىكى ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىققە تىنىچسىزلىق پەيدا قىلىشنىڭ پىلانىنى سوقىۋاتقىنىڭىزدا سېسىپ كەتكەن يۈرەكلىرىڭىزدىن ۋە ئىرراتسىئونال تەپەككۇرىڭىزدىن گۇمان قىلىپ باققانمۇ سىز؟

Комментарии

Популярные сообщения