روسىيە ۋە پۇتىن

روسىيە ۋە پۇتىن(ئالتۇنجان)

نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق دېيىشىدۇ، روسىيەنى پۇتىن مۇتلەق كونتىرول قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق ئويلاپ قالغانلارغا قاتتىق بىر سىگنال بېرىمەنكى ئۇنداق ئەمەس!!!
دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە پەقەت سىياسەتلا ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل ئەمەس، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلىسى، ئىقتىسادى، ھەربى كۈچى ۋە پەن تېخنىكىسى سىياسەتنى ئۇسۇلغا سالالايدىغان مۇھىم ئامىللاردىن ئىبارەت. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ رەئىسى دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلىسە ئەكسىچە باشقا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، تېخنىكا قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتەلمىسە ئۇنداقدا بۇ دۆلەت رەئىسىنىڭ مۇتلەق ھاكىمىيىتى بولمايدۇ دېگەن سۆز. قىسقارتىپ ئېيتقاندا دۇنيادا ھېچقايسى دۆلەتنىڭ مۇتلەق ھاكىمىيەتلىك تۈزىمى يوق. ياكى دۇنيادا ھەممە دۆلەتنىڭ دۆلەت رەئىسى دۆلەتنى باشقۇرۇشتا نۇرغۇن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
ئۇنداقتا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، تېخنىكا قاتارلىقلارنى كىملەر كونتىرول قىلىدۇ؟ بۇ مۇھىم سوئال، بۇنى ئىزدەنسىڭىز ئۆزىڭىز تېپىۋالالايسىز. كىمكى دۇنيانىڭ پەن تېخنىكىسىنى ۋە پۇل مۇئامىلىسىنى كونتىرول قىلىۋالىدىكەن ئۇ دەل دۇنيانىڭ ئىنسانلارغا كۆرۈنمەيدىغان باشقۇرۇش كۈچى بولىدۇ.

گەپتىن يىراقلاپ كەتتىم، مەقسىدىمگە قايتىپ كەلسەم، پۇتىننىڭ ئون نەچچە يىل سىياسى جەھەتتە ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقئاراغا تەسىر كۆرسەتكىنىگە قارىماي ئاخىرىدا يەنە زىئونىستلارنىڭ روسىيەدىكى چاپارمەنى مېدۋېدىۋ يېڭىدىن ھوقۇقنى قولىغا ئالدى. بۇ ناھايتى رىئال ھەم ئېچىنىشلىق ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق تەخمىن قىلىشقا بولىدىكى پۇتىن زىئونىستلار بىلەن دۆلەتنى تەڭ ئىدارە قىلىۋاتىدۇ. دۆلەتنى تەڭ ئىدارە قىلىشنىڭ نىسبىتى بەلكىم 1:1بولىشى مۇمكىن. ھەتتا پۇتىننىڭ تەسىرى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولىشى مۇمكىن. روسىيەنى مۇنداق تەسۋىرلەش مۇمكىن، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادنى كونتىرول قىلىۋاتقان مېدۋېدىۋ باشچىلىقىدىكى زىئونىستلار ۋەكىلىنىڭ باشقۇرىشىدىكى كۈچ بىلەن پۇتىن ۋە خەلىقنىڭ كۈچى.
روسىيەدە پۇتىن دېمەك خەلىق دېگەنلىكتۇر. ئەمما خەلىقنىڭ كۈچى زىئونىستلارنىڭ كۈچىنى بېسىپ چۈشەلەمدۇ مانا بۇ كەلگۈسدىكى ئويۇننىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى.
بۇنىڭدەك زىئونىستلارنىڭ ۋەكىلى بىلەن خەلىقنىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرسىدا سۈركىلىش بولىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. بەزى دۆلەتلەر پۈتۈنلەي زىئونىستلارنىڭ چاڭگىلىدا بولسا بەزى دۆلەتلەر مانا روسىيەدەك تىپىرلىماقتا. شۇنىسى ھەقىقەتكى مۇستەقىل بىز دەپ پەخىرلىنىۋاتقان روسىيەمۇ شۇ ئاتوم بومبىلىرى بىلەن زىئونىستلارنىڭ چاڭگىلىدا ئىڭراۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئاتوم بومبىسىمۇ يوق دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىدىن سۆز ئېچىش ھاجەتسىز. ئۇلارنى زىئونىست دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئوخشىتىش مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، روسىيەدىن مۇستەقىل بولىمىز دېگۈچىلەر ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بولالمايدۇ بەلكى روسىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا يەنى روسىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇستەقىللىقىغا زەربە بەرگەن بولىدۇ. زىئونىستلار روسىيە خەلقىنى مانا مۇشۇنداق ئامال بىلەن مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ھەم ئۇرىنىۋاتىدۇ.
پۇل مۇئامىلىدىن خەۋرى بار ئادەملەر بىلىدۇ. ئالتۇن تېرەك بولغان پۇل يوقاپ نېفىت تېرەك بولغان پۇل يەنى دوللار دۇنياغا ھۆكۈمران بولدى. ئەمدى دوللارنىڭمۇ كۈنى ئاز قالدى. ئېلىكتىرونلۇق پۇل پۈتۈن دۇنيادا تارقاشقا باشلىدى. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ لاھىيەلەش ۋە ئۇنى ياساشتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئامېركا دوللىرى ۋەيران بولغان كۈننىڭ ئەتىسى دۇنيادا تەڭدىشى يوق دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى مۇستەقىل دۆلەتلەر پۇل مۇئامىلە، ئىقتىساد ھەتتا پەن تېخنىكا جەھەتتىن ئىسرائىلىيەگە تاقابىل تۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشىدۇ ۋە بۇ دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆلكىلىرىگە ئايلىنىدۇ. مانا بۇ سىلەر ئارزۇ قىلىۋاتقان مۇستەقىللىق. كۆرۈنمەس قول بولغان پۇل مۇئامىلىدىكى باشقۇرۇش ئىنسانلارنى قۇللۇقنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىگە مۇپتىلا قىلىدۇ. مانا بۇ سىلەر ئارزۇ قىلىۋاتقان ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق.
تېمىغا قايتىپ كەلسەم، پۇتىننىڭ مېدۋېدىۋنى باش مېنىستىر قىلىپ سايلىشى كەلگۈسىدە پۇتىننىڭ ئويۇننى تېخىمۇ قىززىتىۋېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق؟ قانداق قىززىتىدىغانلىقى جەھەتتە ئويلىغانلىرىمنى كېيىن ئورتاقلىشاي.

Комментарии

Популярные сообщения