ئامېركا ئىرانغا ھۇجۇم قىلامدۇ؟


ئامېركا ئىرانغا ھۇجۇم قىلامدۇ؟(ئالتۇنجان


ناھايتى ئاددى قىلىپ جاۋاب بەرگىم كېلىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ پۇل مۇئامىلىسىدىن تاكى ھەربىگىچە ئىشپىيونلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى. چاۋشىيەننىڭ ئامېركا بىلەن ئۇرۇش قىلمايمىز. ئەمدى ئىقتىسادى تەرەققىياتنى تۇتىمىز دېيىشىنىڭ ئۆزىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدىكى، ئامېركىنىڭ كورىيە ئۇرۇشى كوزىرى ئاياغلاشتى، نېمىشقا بۇ كوزىرنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدا سۆزلىگىم يوق. ئەمما ئامېركىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى ھەم ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق "ئۆزىنى ئۆزى پارتلىتىپ" يەنى نېفىت دوللىرىنى يوقىتىپ ئەڭ ئاخىرى دۇنيادا پەيدا بولىدىغان غايەت زور پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنى قوزغىماقچى. بۇ دەل پۇل مۇئامىلىدىكى غايەت چوڭ ئاتوم بومبىسىغا ئوخشاش بولۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە پارتلايدۇ. دوللار ئاياغلىشىدۇ. نېفىت يۈەننىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئامالى قالمىغان دۇنيا خەلقى ئېلىكتىرونلۇق پۇلغا ئېغىشقا باشلايدۇ. دۇنيا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنى لاھىيەلەش ۋە ياساش تېخنىكىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىسرائىلىيە بىر كېچىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاكىسىغا ئايلىنىدۇ. سىز ئېتىراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ بۇ كۈنگە ئاز قالدى. تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟ 
ئەمما سىزگە بىر خوش خەۋەر بېرىشىم كېرەك. جوڭگو ۋە روسىيە ھۆكۈمىتى ئالتۇن ئارقىلىق تىرەپ تۇرىدىغان قەغەز پۇلنى ساقلاپ قېلىشتا كۈچىشى مۇقەررەر. شۇڭا قەغەز پۇل ساقلاڭ ياكى ئالتۇن ساقلاڭ. 

يېغىپ ئېيتقاندا ئامېركىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. 

Комментарии

Популярные сообщения