داڭلىق دىننى ۋە پەننى ئالىملارنى كىم ئۆلتۈردى؟

داڭلىق دىننى ۋە پەننى ئالىملارنى كىم ئۆلتۈردى؟(ئالتۇن)

سىياسىدا ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئويۇن ئوينىلىدۇ. ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان تەسىردىن پايدىلىنىپ سىياسى ئويۇننى داۋاملاشتۇرۇش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنىدۇ. قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەركىتى سىياسىدا ئامىۋى ئاساسنى پەيدا قىلىشتا مۇھىم رولغا ئىگە. مەسىلەن ئەگەر مەلۇم بىر مەخپى تەشىكلات پاكىستاندىكى بالوچىلارنى ھۆكۈمران سىنىپ بولىۋاتقان پۇشتۇنلارغا قارشى قوزغىلاڭ ياكى ھەربى ھەركەتنى پىلانلىغان بولسا ئۇنداقتا بۇ ھەركەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرمىگە سولانغان داڭلىق بالوچىستانلىق دىننى ئالىملارنى ياكى پەن تېخنىكا ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۋېتىش ئارقىلىق بالوچىستان ئاممىۋى خەلقىنىڭ پۇشتۇنلارغا قارشى نارازىلىقىنى كۈچەيتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھەركەتلەرنىڭ ھەر تۈرلىرى بولىدۇ. بۇ خىل قۇتراتقۇلىق قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە پىلانغانغان ھەربى ھەركەتنىڭ خەلىق ئارىسىدىكى ئامىۋى ئاساسىنى تىكلىۋالغىلى بولىدۇ. دېمەككى ئۇ داڭلىق ئادەمنى ئەسلى پۇشتۇنلار ئۆلتۈرمىگەن بولۇپ ئەكسىچە بالوچىستانلىق ئۆزى ئۆلتۈرگەن بولىدۇ. بالوچىستانلىقلار مۇستەقىل بولۇشنى كۆزلەۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئادەملىرىنى ئۆزلىرى قۇربان قېلىپ بۇ ئارقىلىق ئۆز ئادەملىرىنى پۇشتۇنلارغا قارشى قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. مېڭە يۇيۇش ھەركىتى مانا مۇشۇنداق ئەمەلى ئادەم ئۆلتۈرۈش، تۇرمىغا سولاش، ھەرخىل خورلاش جىنايەتلىرى ئارقىلىق بولىدۇ. ئەلۋەتتە بالوچىستانلىقلار بۇنداق مەخپى ھەركەتلەرنى دۇنيادىكى مۇھىم ئاخپىرات ئورگانلىرى بىلەن تەڭ ھەمكارلىشىپ قىلىدۇ.

يۇقارقى ئەھۋالدىكى ھالەت دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ مەخپى تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا ئامېركا مەركىزى ئاخپىرات ئىدارىسى، ئىسرائىلىيە موساد، تۈركىيە مەخپىيەتلىك ئورگانلىرى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن ئويۇنلارنىڭ ئوينىماقتا. سىز ئاڭلاۋاتقان خەۋەرلەر ئىچىدە  ھەتتە سىزگە بىۋاستە تەسىر قىلىۋاتقان ھادىسىلەر ئىچىدە سىزنىڭ ھېسىياتىڭىزنى دوڭغايتىپ ئىشلىمىگەن كاللىڭىزنى تېخىمۇ ئىشلىمەس قىلىۋاتقان داڭلىق ئادەملەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى، ئۇلارنىڭ سولىنىشى، ھەتتا ئۇنىڭدىن باشقا ۋەقەلەر ھەرگىز ئۇنداق سىز ئويلىغاندەك ئاددى بولمايدۇ. 

كاللىنى خۇدا سىزگە بەدەننىڭ تۆپىگە تىزىپ قويۇشقىلا بەرمىگەن، ھېسياتىڭىزنى چاتىرقىڭىزغا تىقىپ قويۇپ ئەقىل بىلەن تەپەككۇر قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

Комментарии

Популярные сообщения