بىئوئىدولوگىيە ۋە مونىئىدولوگىيە

بىئوئىدولوگىيە ۋە مونىئىدولوگىيە


ھازىر دۇنيادا كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان ئىككى پوتېنسىئال ئىدولوگىيە مەۋجۇت.
بۇنىڭ بىرى: بىئوئىدولوگىيە.(bio-ideology)

بىئوئىدولوگىيە بولسا بىئولوگىيەلىك ئىدولوگىيە دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىنسانشۇناسلىق بىئولوگىيە سەۋىيەسىدە تەتقىق قىلىنىپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى بىئولوگىيە سەۋىيەسىدە چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ بىئولوگىيەلىك كىملىكى، ئۇلارنىڭ تارىخى، ئۇلارنىڭ كۈلتۈرى،ئۇلارنىڭ ھاياتى، ھەتتا ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتتىن تارتىپ ھەممىنى بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ باشقىلارغا چۈشەندۈرگىلى ھەم پاكىتلار ئارقىلىق قايىل قىلغىلى تامامەن بولىدۇ.( پەقەت ئاڭلىغۇچى پەن تېخنىكىنى چۈشەنسە ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنسە ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ، دېمەك بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانلار ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە دېگەندىمۇ پەن تېخنىكىنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشى كېرەك. ئەگەر پەن تېخنىكىنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئىنسانلار ئارىسىدا بۇ ئىشنىڭ دەرھال ئېتىبارغا ئېلىنىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. دۇنيانى يېتەكلەيدىغانلار ھامىنى بىلىملىك ئىنسانلار.)
ئەكسىنچە كونا دۇنيا تەرتىپىدىكى تەسەۋۋۇردىكى ئوخشاش بىرلىك-- "مىللەتچىلىك"نى بىئولوگىيەلىك كىملىك ياكى بىئولوگىيەلىك ئېرىق ئارقىلىق تامامەن بۇزۇپ تاشلىۋەتكىلى بولىدۇ. بىئولوگىيەلىك نۇقتىدىن ئوخشىمايدىغان تۆت بەش ئېرىقتىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشاش تىلدا سۆزلىشى، ئوخشاش كۈلتۈرگە تەۋە بولىشى، ئوخشاش جۇغراپىيەدە ياشىشى كونا دۇنيا تۈزىمىدە مىللەت ئۇقۇمىنى تەشكىل قىلىۋاتقان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. ئەمما كۆزنى يوغان ئېچىپ دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراش كېرەك. تەرەققىيات ھامىنى كونا ئىدىيەلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. جاھىل ئىدىيەلەر شاللىنىدۇ. كىشىلەر دى ئېن ئا لىرىنى تەكشۈرتۈپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى كىملىكىنى، ھەقىقى تارىخىنى بىلىپ باققىسى كېلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ جىقىيىشىغا ئەگىشىپ زامانىۋى قەبىلىچىلىك ئېقىمى پەيدا بولىشى دۇنيانىڭ بىر يۈزلىنىشى. ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى: ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى پوتېنسىئال ئىسرائىلىيە پۇخرالىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشتە دى ئېن ئا سىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدىغانلىقى. مەيلى سىز دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە ياشاڭ، قانداق مەدەنىيەتتە ياشاڭ پەقەت دى ئېن ئا رىڭىز ئىسرائىل ئەۋلادى دەپ ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن ئۇنداقتا ئىسرائىلىيە سىزنى پۇخرالىققا ئالىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ھازىر بولۇپ بولغان ئىش ئەمەس، ئەمما بولىۋاتقان ئىش ھەم بولىدىغان ئىش.  ئەگەر خەلقئارا ۋەزىيەتنى كۈزىتەلىسىڭىز، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچىيىشى كونا دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرگەن ئويدۇرما تارىخ، ئويدۇرما كىملىكلەرنىڭ دۇنيا ئەھلىگە ئاشكارا بولىشى، باسۇرۇپ قويۇلغان كۈلتۈر ۋە مەدىنىيەتلەرنىڭ بايقىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقەتنىڭ ئاشكارلىنىشى دەپ چۈشىنىشى تەبىئىي ئەھۋال.  چۈنكى سىز بۇرۇن ئويلاپ باقمىغان ھەتتا ئويلاشقا پېتىنالمىغان ئىشلار، ۋەقەلەر يۈز بېرىپ سىزنىڭ ئۆزلۈك قارىشىڭىز، دۇنيا قارىشىڭىز، ھەتتا قىممەت قاراشلىرىڭىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى تامامەن مۇمكىن.

يەنە بىرى: مونىئىدولوگىيە.(Mone-ideology)

مونىئىدولوگىيە بولسا پۇل مۇئامىلە ئىدولوگىيەسىدۇر. شۇنىسى ھەقىقەتكى بۈگۈنكى دۇنيادا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئىنسانلار مۇناسىۋەتلىرىنى ئېننىق چۈشەندۈرۋەتكىلى بولىدۇ.ئېرىقى توقۇنۇش، دىننى توقۇنۇش، ۋە ياكى مەدەنىيەت توقۇنۇشى دىگەندەك گەپلەرنى قىلچە لازىم قىلىشنىڭ ئورنى يوق. بۈگۈنكى دۇنيا تەرتىپىنى كونا پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى شەكىللەندۈرگەن. دېمەك ئوخشاشلا پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ پۇل مۇئامىلە تەرتىپىمۇ ۋەيران بولىدىغانلىقى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدۇر. نېفىت دوللىرى دۇنيا سەھنىسىدىن يوقاپ، ئىنسانلار تېخىمۇ ئىشەنچىلىك، بىخەتەر، بانكىلاردىن خالى بىت تەڭگىسىدەك پۇللارنى ئىشلىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ پۇل خەجلەش شەكلى تامامەن ئۆزگىرىدۇ. ئېلىكتىرونلۇق دۇنيا ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى دۇنياسىغا ئايلىنىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلىسى ئارقىلىق بۈگۈننى چۈشەندۈرگىلى بولىدىكەن شۇنىڭغا ئوخشاشلا كەلگۈسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كەلگۈسىنىمۇ پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئىدولوگىيەسى ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئېرىق، ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان كۈلتۈر ۋە ئوخشىمىغان تىللاردىكى ھەمما ئادەملەرنىڭ مەنپەئىتىى يىغىپ بىر نۇقتىغا ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. ئوخشاش قائىدە بويىچە پۇل ئارقىلىق ئوخشاش قەۋىمنى بىر بىرسىگە دۈشمەن قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.

مانا يۇقۇردا سۆزلەنگەن ئىككى خىل ئىدولوگىيە كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان پوتېنسىئال ئىدولوگىيەلەردۇر. بۇ ئىككى خىل ئىدولوگىيە ئىسرائىلىيە باشچىلىقىدىكى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە تايىنىدىغان ئىدولوگىيەسى، بۇ ئىدولوگىيەلەرنىڭ ئەمەلى قوللىنىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، بۇ ئىدولوگىيەلەرنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن غەرىپ ئەللىرى دۇنيادا بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارماقتا. شۇ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزگەرتىشلەر سىياسى، ئىقتىساد، پەن تېخنىكا ھەتتا دىن قاتارلىق ھەممە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز بۈگۈن مەلۇم ئىشلاردىن رازى بولمايۋاتقان بولسىڭىز، زىيانغا ئۇچرىغان بولسىڭىز، ھەتتا يوقۇلۇشقا ئۇچرىغان بولسىڭىز بۇ دەل مۇشۇ بولىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرگە ماسلىشالمايۋاتقانلىقىڭىزدىن بولىۋاتىدۇ. كونىلاردا بىر گەپ بار، دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىدىن قېلىپ قالغانلار شاللىنىدۇ دەپ. بۇ گەپ توغرىمۇ ياكى خاتامۇ بۇنى سىز ۋە بىز ئىسپاتلايمىز.

يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەن كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان ئىككى خىل  پوتېنسىئال ئىدولوگىيەلەرگە قارىتا سىز قانچىلىك ئويلىيالىدىڭىز؟ بۇنىڭغا ماسلىشىمەن دېسىڭىز قايسى ئىشلاردا ماسلىشىشىڭىز كېرەك؟
ئاددى بىر مىسال كەلتۈرەي، سىز بىئوپولىتىكىس(bio-politics) جەھەتتە ئىزدىنىشىڭىز كېرەك. بىئولوگىيەلىك ئىدولوگىيە مەۋجۇت بولغانكەن ئۇنداقتا بىئولوگىيەلىك سىياسەت مەۋجۇت بولىدۇ. كەلگۈسى دۇنيانى پەرەز قىلىشىڭىز ئۈچۈن سىز ھازىر بىئولوگىيەلىك نۇقتى نەزەردىن چىقىپ تۇرۇپ ھازىرقى دۇنيا سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ چىقالىشىڭىز كېرەك. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك. بۇنداق قىلالىسىڭىز سىز دۇنيادا ھەتتا ئۆزىڭىزگە نېمە ئىش بولىۋاتقانلىرىدىن تارتىپ ئاشكارلانمىغان مەخپىيەتلىكلەرنى لوگىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرالايسىز. بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ دۇنيانىڭ سىياسى ئويۇنلىرىغا ماسلىشىپ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئويۇن ئوينىيالىشىڭىزغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بەزىلەر بىكارغا سىزنىڭ دى ئېن ئا  ئەۋرىشكىڭىزنى يىغمايدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ ئىدولوگىيەلەردىن باشقا ئىدولوگىيەلەرنى ئوتتۇرغا قويالامدۇق؟ ئەگەر باشقا بىر ئىدولوگىيەنى ئوتتۇرغا قويالىساق ئۇنداقتا بۈگۈنكى دۇنيا تەرتىپىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان يۇقارقى ئىدولوگىيەگە روبىرو تۇرۇپ ئوينىيالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇنى چوقۇم ئەسكەرتىش كېرەك. يۇقۇردا كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان پوتېنسىئال ئىدولوگىيەنىڭ ئىنسانلارغا بۇزغۇنچىلىق ئاقىۋەتلەرنىمۇ ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى مۇمكىن. كومىنىزىممۇ ئىنسانلارغا ئاز بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمىگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش. ئەمما بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقنىڭ داۋاسى ئىسلام ۋە قۇرئاندىن تېپىلىشى مۇقەررەرلىكنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. شۇ ۋەجىدىن ئىسلام دىنى بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق زەربە بېرىش ئوبۇكتىغا ئايلاندى. كىمكى ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ يىڭى ئىدولوگىيە يارىتالايدىكەن(ۋاھابىزىمدەك چۈپرەندە ئىدولوگىيەنى دېمىدىم.) ئاندىن ئۇلار ئويۇنچىلارغا ئويۇن قائىدىسىنى بىكىتەلەيدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. تېك تاپ توپنى ئۇ تەرەپتى ئۇرۇپ بەرسە بۇ تەرەپتىن ئۇرۇپ قايتۇرۇش ئۇششاق بالىنىڭ قولىدىنمۇ كېلىدىغان ئىش. ئەمما توپنى ئۇرغان ھەتتا مۇشۇ تىك تاك توپ ئويۇنىنى پىلانلىغان ئۈچىنچى تەرەپكىمۇ تەھتىت ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىر ئىدولوگىيەنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى لاھىيەلەش ئاندىن ئەڭ مەنىلىك ھەم قىززىيدىغان ئىش.

Комментарии

Популярные сообщения