سىياسىدا پىسخىكىلىق ساپا

سىياسىدا پىسخىكىلىق ساپا(ئالتۇنجان)

ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھۆكۈمران كۈچلەر ئاددى ئىنسانلار مېڭىسىگە يالغان ياكى يېرىم يالغان ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە كونتىرول قىلىپ شۇ ئارقىلىق ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى كونتىرول قىلىش ۋە ھۆكۈمرانلار ئۆزى ئارزۇ قىلغان ھەركەتنى ئاددى كىشىلەرگە ئۆزىنى خالاپ قىلدۇرۇش.
ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە مەلۇم نۇقتىغا بارغاندا پىسخىكىلىق ئۇرۇشقا ئايلىنىدىغان بولۇپ ئىنسان مېڭىسىنىڭ قانداق تەپەككۇر قىلىشى ئىقتىسا ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
بىر ئاجىز كىشىلەر توپىدا ئىتقساد، ھەربى، پەن تېخنىكا قاتارلىق كۈچلەر بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن يەنە بىر كۈچلۈك باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ پىسخىكىلىق كونتىروللىقىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەسىلەن بىر ئاجىز خەلىق ياكى دۆلەت ئاللىبۇرۇن زىئونستلاردەك كۈچلۈكلەرنىڭ گۇماشتىلىرى ئارقىلىق باشقۇرۇلغان بولۇپ ئەگەر ئاجىز خەلىق زىئونىستلارنىڭ تەلىپىگە لايىق جاۋاب قىلمايدىكەن ياكى ئۇنىڭغا قارشى سۆز ھەركەتلەرنى سادىر قىلىدىكەن ئۇنداقتا بۇ زىئونىستلار بۇ ئاجىز خەلىقنى شۇ زېمىندىكى گۇماشتىلىرى ئارقىلىق كۆرۈنمەس قوللىرى بىلەن جازالايدۇ. مەسىلەن يېغىۋېلىش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ يۈزمىڭلاپ ئادەملەرنى سىياسى ئۆگىنىشكە زورلايدۇ. شۇ ئاجىز خەلىقنىڭ تېخنىك خادىملىرىنى ۋە ئەقىللىق ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى تۈرمىگە سولايدۇ. مانا مۇشۇنىڭدەك قاتتىق قىستاققا ئۇچرىغان ئاجىز خەلىق بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھېچ يەردىن ياردەم تاپالمايدۇ. ئەلۋەتتە زىئونىستلار بىر تەرەپتىن بۇ ئاجىز خەلىقنى خورلىسا ھەم ئۇلارغا زۇلۇم قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن يالغان "دورا" تەييارلاپ بۇ ئاجىز خەلىققە ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولىدۇ. ئاددى خەلىق مانا مۇشۇنداق يەنە قايتىدىن زىئونىستلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتماقچى بولىدۇ.
كوسوۋو ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىمۇ دەل مۇشۇنداق بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر زىئونىستلارنىڭ چاڭگىلىدا ئىڭراپ سەبىر قىلالماي ھەم بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىرى زىئونىستلار تەييارلاپ قويغان "دورا"غا ئېھتىياجلىق بولدى. ھەم شۇ "دورا"نى يەپ بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلماقچى بولدى. نەتىجىدە كوسوۋۇ ئۇرۇشى پارتلىدى. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلدى ۋە سەرگەردان بولدى. زىئونىستلار ئەنە شۇنداق قىلىپ شۇ رايونغا مۇتلەق ھۆكۈمران بولدى.

زىئونىستلارنىڭ ئاساسلىق تاكتىكىسى شۇكى، يوق مەسىلىنى پەيدا قىلىش، كىچىك ئىشنى چوڭايتىش، چوڭ ئىشنى تېخىمۇ چوڭايتىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ تەييارلاپ قويغان "دورا"سى ئارقىلىق ھەل قىلىپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىش، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىقتىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەمما جايىدىكى سىياسى ۋەقەلەرنى ئەنە شۇنداق پىلانلاپ ئويۇنلار ئوينالغان ھەم ھازىرغىچە ئوينىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئويۇنلارنىڭ ئاشكارە بولىشى ۋە ئويۇنلارنى چۈشىنىپ يېتىپ زىئونىستلارغا قارشى مۇقام توۋلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ دۇنيا تەرتىپىگە تەسىر قىلىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇ باشقا بىر تېما.

زىئونىستلارنىڭ ئاساسلىق بىر خارەكتىرى ئۇلار بىر توپ ساراڭدۇر. ساراڭ ئادەم ۋەدىدە تۇرمايدۇ، ساراڭ ئادەم بىلەن ھەمكارلاشقىلى بولمايدۇ، ساراڭ ئادەمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ساراڭ ئادەملەردە چەكلىمە بولمايدۇ. ساراڭغا سوت يوق!
دېمەككى سىياسىدا پىسخىكىلىق ساپا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ يۇقۇرى پىسخىكىلىق ساپاغا ئىگە بولماي تۇرۇپ سىياسى ئويۇنلارنى چۈشەنگىلى ۋە ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى تېپىپ چىققىلى بولمايدۇ نەتىجىدە پىسخىكىلىق ئاجىزلىق سەۋەبىدىن سىياسىدا مەڭگۈ ئاجىز ۋە پاسسىپ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Комментарии

Популярные сообщения