پاسسىپ ئۆزگۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان مىللەت

پاسسىپ ئۆزگۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان مىللەت

دۇنيا سىياسىتى داۋاملىق ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. بىر مىللەتنىڭ سىياسى ھاياتىنىڭ بولىشى ئەمەلىيەتتە دۇنيا سىياسىتىدە ئاكتىپ ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالىشى ياكى دۇنيا سىياسىتى ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا دەرھال دۇنيا بىلەن تەڭ سىياسى ھالىتىدە ئاكتىپ ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن دۇنيادىكى چوڭ سىياسى كۈچلەر ئارىسىدا مىجىلىپ تۈگەيدۇ. مەسىلەن ئۆتكەن دۇنيا سىياسى سەھنىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭۋاھابىزىم بىلەن سىياسى ئوينىشى مەلۇم ئوڭۇشسۇسلۇققا ئۇچرىغان بولسا ئۇنداقتا بۇ مۇسۇلمانلار كونا مۇقامنى يەنە توۋلىماي ئەكسىچە يېڭى بىر دۇنيا ۋەزىيىتىگە مۇۋاپىق بولغان ئۇسۇلدا ئۆز مۇسۇلمانلىرىنى ھەم مۇسۇلمانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى بىر ئويۇن ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

ئەلۋەتتە بۇ يەردە مۇھىم نۇقتا شۇكى، ۋاھابىزىمدىن ئىبارەت بۇ تەشۋىقاتنىڭ بۇرۇن دەۋىرگە لايىق بولۇپ ھازىر دەۋىرنىڭ ئېھتىياجىدىن قېلىشى، قانداقتۇر ئىسلامنىڭ بۇرۇن مودا بولۇپ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەكسىنچە ئىسلامنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ۋاھابىزىمنىڭ ئىسلامغا تارقالغان راك ھۈجەيرىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكىتلەيدۇ. ئەمما مەسىلە شۇكى، ئىسلامغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلار، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتاۋاتقانلار  ئاساسەن پىسخىلوگىيەلىك داۋالاشقا مۇھتاج روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنى داۋالاشمۇ مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس ياكى ئىنتايىن مۇشكۈل. شۇ سەۋەبتىن دۇنيا ھۆكۈمەتلىرى،(ھۆكۈمەت بىلەن لىبىرال زىئونىستلار مۇتلەق پەرىقلىق بولۇپ، بۇ يەردە ھۆكۈمەت تىلغا ئېلىندى.)  مەسىلەن روسىيە ۋاقىت ۋە ئېنىرگىيەنى تىجەش، دۇنيا تىنچلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى بىر پاي ئوق بىلەن <جەننەت>كە بالدۇر يولغا سالغاننى توغرا كۆرىۋاتىدۇ.

مىللەت سىياسى ھاياتىدا مەيلى توغرا ئىش بولسۇن ياكى خاتا ئىش بولسۇن ئۇنى ئاكتىپ ھالدا قىلىشى كېرەك.  خىزمەت مەسىلىرىدە كەمسىتىش، روھى سۇندۇرۇشلار يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردىن بۇرۇن ئاكتىپ ھالدا ئۆزگىرىپ مەلۇم بىر ھەركەتكە تەييارلىق قىلىشى ياكى شۇ ھەركەتنى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر ئىدى. چۈنكى مىللەت ئۆزى ئاكتىپ ئۆزگىرىپ ئۆزىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينىمىغان ئەھۋالدا چوڭ سىياسى كۈچلەرنىڭ بېسىمى بىلەن پاسسىپ ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن چوڭ سىياسى كۈچلەر دىننى چەكلىسە، ياغلىقنى چەككۈزمىسە ياكى تىلنى چەكلىسە ئاندىن ئاجىز مىللەت ئىچىدە بۇ سىياسى كۈچكە قارشىلىق شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، بۇ مۇقەررەر بىر ھادىسە، بىرسى جىم تۇرغان ئادەمنى بىر مۇش قويسا يەنە بىر قارشى تەرەپنىڭ مۇقەررەر غەزىپى كېلىدۇ. ئەمما مۇش قويغان ئادەمنىڭ مەقسىتى قارشى تەرەپنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈش بولغاندا ھەم قارشى تەرەپمۇ غەزەپلەنگەندە ئۇنداقتا مانا بۇ غەزەپلەنگەن تەرەپ تىپىك پاسسىپ ئۆزگەرگەن بولىدۇ. مانا بۇنىڭدەك تىك تاك توپ ئۈستىلىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ بىرسى توپنى ئۇرۇپ باشلاپ بەرسە ئاندىن ھۇجۇمغا ئۇچىرغان ئاجىز مىللەتمۇ توپنى قارشىسىغا ئۇرۇپ قايتۇرسا، بۇ يەردە بىر ئويۇن پەيدا بولىدۇ. ئۈچىنچى بىرسى بۇ ئويۇننى پىلانلىغان تەرەپ بولۇپ، بۇ ئويۇندىن چىقىدىغان نەتىجە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى.

ئەگەر بىر تەرەپ تىك تاك توپنى بىزگە قارىتىپ ئۇرسا، ئاندىن بىز قايتۇرمىساق، بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق ئۇرۇپ سىناپ بېقىپ بىزنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىمىزنى كۆزىتىشى مۇمكىن. ئەمما بىز بۇ يەردە ئويۇن پىلانلاۋاتقان ھەم تىك تاك توپ باشلاۋاتقان تەرەپنىڭ مەقسىدىنىڭ بىزنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلسەك، ئۇنداقتا بىز بۇ باشلانغان توپلارنى قايتۇرۇپ ئۇرماي تۇرىۋالساق، بەلكىم ئويۇن پىلانلىغۇچى تەرەپ بۇ ئويۇننىڭ مەنىسى يوقكەن دەپ بۇ ئويۇندىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. ھەم دۇنيادىكى باشقا ئاجىز كۈچلەر ئارقىلىق ئويۇن پىلانلىشى مۇمكىن.ئەكسىنچە قارشى تەرەپ قانداق توپ ئۇرسا بىز ھەربىر توپنى قايتۇرۇپ ئۇرغىلى تۇرساق ئۇنداقتا بىزدىكى سىياسەت ھەرگىزمۇ سىياسەت بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆلۈمنىڭ يولى.

ئەمما دۇنيادا تىك تاك توپ ئويۇنىغا كەلمىگەن دۆلەت ۋە مىللەت بولمىسا كېرەك. بۇ ئويۇندا قانداق يېڭىمىز؟ ئويۇننى يېڭىش ئۈچۈن ئاجىز مىللەت ئاۋال تىك تاك توپنى باشلاش كېرەك. ئۇلار ئاۋال ئاكتىپ ئۆزگۈرۈپ كۈچلۈكلەرنىڭ پىسخىكىسىنى سىنىيالايدىغان، ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغىنىنى بىلەلەيدىغان، ھەم شۇ ئىنكاسلارغا قاراپ مەلۇم بىر سىياسى ھايات پىلانىنى ئوتتۇرغا قويۇش كېرەك.

ھەرگىزمۇ كۈچلۈك تەرەپ ئاجىزلارنىڭ ئادىمىدىن نەچچە يۈزمىڭ ئادەمنى يېغىۋالغاندىن كېيىن،ئۇلارنى قالايمىقان خورلىغاندىن كېيىن،ئاجىزلارنىڭ قوپۇپ سەكرەشلىرى ياكى ئۇنىڭغا قارىتا ھەركەت قىلىشلىرى ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوزغىلاڭچى، يېڭى ۋاھابى قوشۇنى تەشكىللىمەكچى بولۇشلىرى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، بۇ ئۇچىغا چىققان پاسسىپ ئۆزگۈرۈش ھەم  پاسسىپ سىياسەت. بۇنداق مىللەتنىڭ ۋەيران بولىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.

يېڭىلىق روھى بولىشى كېرەك. دۇنيانى جەلىپ قىلالىغۇدەك بىر يىڭى ئىدىيە تېپىش كېرەك. ئويۇن پىلانلىغۇچىغا تەھتىد بولالىغۇدەك بىر ئىدىيە بارلىققا كېلىشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن يىڭى سىياسەت تۈزۈپ ئاكتىپ سىياسەت ئويناپ كونا مۇقامدىن يىراقلاشقاندىلا ئاندىن بۇ مىللەتنىڭ سىياسى ھاياتى مەۋجۇت بولىدۇ.

Комментарии

Популярные сообщения