جاسۇس كىمگە ئىشلەيدۇ؟

جاسۇس كىمگە ئىشلەيدۇ؟


جاسۇس ئىزدەش قىززىق تېما بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جاسۇسنىڭ كىمگە ئىشلەيدىغىنىنى، ئۇنىڭ قانداق ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەقىقى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. كىشىلەر ھەقىقەتكە سەزگۈر كەلمەيدۇ، ھەقىقەتلەر ئوتتۇرغا قويۇلغاندا كىشىلەر چۆچۈيدۇ، ھەقىقەتلەر سۆزلەنمىگەن دۇنيادا ھەقىقەتنى سۆزلەشنىڭ ئۆزى زور ئىنقىلابتۇر، چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئۈچۈن زور روھى بېسىم ۋە تەھتىدلاردىن غالىپ كېلىش كېرەك، ھەتتا ئۆز ھاياتىنىڭ ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرىشى مۇمكىن. قىسقىسى ھەقىقەتنى سۆزلەش نۇرغۇن ئىمتىيازلارنى چەتكە قايرىپ قويۇپ ئومۇمىي خەلىقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتقان پەيىتتە ھۇجۇتقا چىقىدۇ.

ئەمما ھەقىقەتلەرنى سۆزلەيدىغان ماكان، پەيىت، ھەقىقەتنى ئاشكارلاش ئۇسۇلى، ھەقىقەتنى ئاڭلىتىدىغان كىشىلەر توغرا تاللىنىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ بۇ ئامىللارغا دېققەت قىلمىغاندا سۆزلەنگەن ھەقىقەتلەر ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشى ھەتتا بۇ ھەقىقەتلەر ئۈچۈن ھەقىقەتنى سۆزلىگۈچى ھەتتا بۇ ھەقىقەتنى ئاڭلىغان باشقا نورمال خەلىقلەرمۇ تېخىدىنمۇ زۇلۇمدا قېلىشى مۇمكىن. دۆلەت ئىچىدە ھەقىقەتنى سۆزلەش ئۇسۇلى بىلەن دۆلەت سىرتىدا ھەقىقەتنى سۆزلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. (ئەگەر بىز بىر پاكىستانلىق بالوچى بولساق دەپ پەرەز قىلساق) پاكىستان دۆلىتى ئىچىدىكىلەر ئۇ جاسۇسلارنى ئامېركا ئۈچۈن ئىشلەيدۇ دېسە، دۆلەت سىرتىدىكىلەر ئۇ جاسۇسلارنى پاكىستان ئۈچۈن ئىشلەيدۇ دەيدۇ. ئۇنداقتا سوئال شۇكى، بۇ جاسۇس زادى ئامېركىغا ئىشلەمدۇ ياكى پاكىستانغىمۇ؟ جاۋاب: ئۇ جاسۇسلار ئىككىلا دۆلەتكە ئىشلىمەيدۇ. ئۇ جاسۇس ئەمەلىيەتتە ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ياكى ئورگانغا ئىشلەيدۇ. (مەسىلەن ئىسرائىلىيە موساد دېگەندەك) ئۇ ئۈچۈنچى دۆلەت ياكى ئورگان زېدى كىم؟  نۇرغۇن بىلەرمەن بالۇچىستانلىق زىيالىلار بۇ جاسۇسنى ئۈچۈنچى بىر دۆلەت -- بالوچىستانغا ئىشلەيدۇ دەپ قارايدۇ.  شۇ سەۋەبتىن بىلەرمەن زىيالىلار بۇ جاسۇسنى قوغدايدۇ. بۇ جاسۇسنىڭ ھاياتلىقى، ئۇنىڭ نام شەرىپى  بالوچىستاننىڭ ھاياتلىقى ۋە شەرىپى بىلەن تەڭ دەپ ئويلىۋالىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بالوچىستان خەلىقى، ئۆلۈپ كېتىۋاتقان دىننى ئالىم ۋە پەن تېخنىكا خادىملىرىنى مۇشۇ جاسۇس ئارقىلىق قۇتقۇزغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما ھەقىقەتنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇكى بۇ جاسۇس دەل شۇ داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئۆلۈمىنى پىلانلاشتا قارا قولى بولىدۇ. چۈنكى ئالدىنقى بىر ماقالىدە(داڭلىق دىننى ۋە پەننى ئالىملارنى كىم ئۆلتۈردى؟) ئېلىپ ئېيتقاندەك جاسۇسلارنىڭ ھەقىقى مەقسىتى ئۇنداق ئاددى بولمايدۇ.

سىرتىدىن قارىغاندا جاسۇسلارنىڭ تىلى، دىنى، ئۆرپ ئادەتلىرى سىزنىڭكىگە ئوخشىغاچقىلا ئۇ جاسۇسلارمۇ سىزدەك نورمال تەپەككۇردىكى ئادەم بولىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ، ئادەتتىكى خەلىقنىڭ ئۇ جاسۇسلارنى بىلىپ ۋە بىلمەي قوللىشىنى بىرىنچىدىن تەشۋىقاتنىڭ كۈچى دەپ قارىساق، ئىككىنچىدىن شۇ مىللەتنىڭ نادانلىق ئۇيقىسىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىدىن، بۇ ئۇيقىنىڭ شېرىنلىكى سەۋەبىدىن بۇ نادان خەلىقنىڭ ئويغانغۇسىنىڭ كەلمەيۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە ئويغىنىپ بولغان كىشىلەرنىڭ ھېچ ئىشنى بىلمىگەندەك يالغان ساراڭ بولىۋېلىشىمۇ بىرىنچىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئىككىنچىدىن ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش پىسخىكىسىنىڭ كۈچلۈكلىكى سەۋەبىدىن دەپ قاراش كېرەك. بەزى زىيالىلاردا شۇنداق پىسخىكا شەكىللەنگەنكى بىلىۋالغان ھەقىقەتلىرى، ئېلىۋالغان دوكتۇر ئۇنۋانلىرى ئۇلارنىڭ ئۆز-ئەقىللىق بولىۋېلىش پىسخىكىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئومۇمى ئاددى خەلىقنىڭ ئەقلىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ياراتماسلىق، ھەقىقەتنى باسۇرۇپ ئولتۇرۇپ سېسىتىۋېتىش ئاقىۋەتتە كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان خەلىقنىڭ ئاھۇ زارىغا سەۋەب بولىۋاتىدۇ. باسۇرۇپ قويۇپ سېسىپ كەتكەن ھەقىقەتلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شۇ زىيالىلارنىمۇ ئىچىدىن سېسىتماقتا، ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ سېسىۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمەس ھالغا كېلىپ قالغان.

ئىتلار بولسا ئارسىلانغا باش، ئارسىلان بولار ئىتلارسىمان،
ئارسىلان بولسا ئىتلارغا باش، ئىتلار بولار ئارسىلانسىمان.
ھەقىقەت ئىگىلىدۇ ئەمما سۇنمايدۇ.

Комментарии

Популярные сообщения